Uyghur主要词典
تۇيغۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىلەرنىڭ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن مېڭىدە پەيدا قىلغان ئىنكاسى.
ئۇ جىم ياتىدۇ، ھېچنىمىنى سەزمەيدۇ، سەزگۈسىنى يوقاتقان ئوخشايدۇ. بالىلار ئون ئالتە - ئون يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئۇلاردا مۇھەببەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا بىلىدىغان، ئۆگەنمەيلا ئىشلەيدىغان ھالىتى، خۇسۇسىيىتى.
ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەسەل چىقىرىشى ئۇلاردىكى ئىنستىنكتنىڭ ئىپادىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاشقى تەسىرىنى سېزىش، ھېس قىلىش قابىلىيىتى؛ سەزگۈ.
ئاچ كۆزۈڭنى ئەل! سۈزۈلمەكتە تاڭ...! يۇقىرى بولسۇن، تۇغرا تۇيغۇ ئاڭ!
روھىي، جىسمانىي كەچۈرمىش، تەسىرات، ھېسسىيات.
ئۇنىڭ قەلبى ئاجايىپ سىرلىق ۋە بەكمۇ تاتلىق بىر تۇيغۇنىڭ دولقۇنىغا چۆمگەنىدى.