Uyghur主要词典
تۇغقان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا _ بوۋىدىن تارالغان جامائەت، قانداشلىق ياكى نىكاھ سەۋەبىدىن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشلەر.
توغرا ئېيتقان تۇغقىنىغا يارىماس. ئۇرۇق _ تۇغقاننىڭ ئۇرۇشى _ تاۋار _ تورقىنىڭ يىرتىلىشى. گۈلنىڭ پۇرىقى توزۇغۇچە، ئۇرۇق _ تۇغقان ئۆلگۈچە. ئاۋال خىيىش، كېيىن دەرۋىش.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قان - قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بار.
يات
قان - قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى يوق.
يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە. ياتنىڭ يېنىدىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جېنىدىن. كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسىقى يوق كاڭدىن كات ياخشى. ئۇرۇق - تۇغقان تېپىشار، ياتقا بالا يېپىشار. سالاملاشقاننىڭ ھەممىسى تۇغقان ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۆزلىرى ياكى ئاتا - بوۋىلىرى بىر ئاتا - ئانىدىن تۇغۇلغان كىشى، قېرىنداش.
ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئىدى.
سۈپ. قېرىنداشلىقى بولغان، بىر مەنبەلىك.
تۇغقان تىللار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تۇغچىلار نەسەبىدىن بولغان كىشى.