Uyghur主要词典
تۇغماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تۇغۇلماق.
چىقماق، كۆرۈنمەك. قۇياش ۋە ئاي ھەققىدە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھامىلىدار ئايال بالا تاپماق، بالىلىماق.
ئوغۇل تۇغسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، قىز تۇغسا باشقىدىن. بەھرەم بۈۋى بوشۇنۇۋاپتۇ، مەرەك بولسۇن. كېلىن ئامان _ ئېسەن يەڭگىدى. مەلىكە ياتلىق بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن ھامىلدار بولۇپتۇ، ۋاقتى _ سائىتى توشۇپ كۆزى يورۇپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توخۇ توخۇملىماق.
بۇ توخۇ ئۆيدىن يەپ خەقنىڭكىدە كاكىلايدۇ. قارا توخۇمۇ ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بالىياتقۇدىكى بالىنى ۋاقتى - سائىتىدە دۇنياغا كۆز ئاچتۇرماق.
سېتىۋالمىغۇچە، كالا بولماس؛ تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس (ماقال).
بۇ خوتۇن ئەل ئۆمرىدە تۆتنى تۇغدى.
بالىلىماق، موزايلىماق (كالا ھەققىدە)؛ تەخەيلىمەك (ئېشەك ھەققىدە)؛ كۈچۈكلىمەك (ئىت ھەققىدە)؛ تايلاقلىماق (تۆگە ھەققىدە).
ئەخمەت ئاكامنىڭ ئىنىكى ئىككىنى تۇغۇپتۇ.
تۇخۇم سالماق.
توخۇ سەمرىسە، تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس (ماقال).
كۆرۈنمەك، چىقماق.
ئاي تۇغقاندا تۇغقانمىدى مەشۇقۇم سىزنى، كۈن پاتقاندا تەۋرەتكەنمۇ بۆشۈكىڭىزنى.
كۆچمە. ياراتماق، يېتىشتۈرمەك، پەيدا قىلماق.
بۇ ئىش ئۇنىڭدا باشقىچە گۇماننى تۇغدۇرۇپ قويارمىكىن؟
كۆچمە. ھەسسىلەپ كۆپەيمەك، ئاشماق.
سىزنىڭ بىر تەڭگىڭىز يىلىغا ئون قېتىم تۇغسا گەپ يوق، بىزنىڭ تاغار ئۆمرىدە بىر قېتىم تۇغسا بولمامدىكەن!