Uyghur←Chinese主要词典
تۇغما دۆت
پسىخولوگىيە
先天愚型
xiān tiān yú xíng
بۇ بىر خىل ئېغىر ھالدىكى تۇغما ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەنلىكى. ئەنگلىيىلىك دوختۇر دوۋن تۇغما دۆتلىك كېسىلىنى 1866- يىلى تۇنجى قېتىم بايان قىلغان، بۇ خىل بىمارنىڭ بويى پاكار، كۆزى كىچىك، كۆزىنىڭ قۇيرۇقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئاغزى يېرىم ئىچىلغان بولىدۇ، دائىم تىلىنى چىقىرىدۇ، ئالقىنىدا، توغرىسىغا سوزۇلغان سىزىقلار بولىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا، ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولىدۇ. دۆتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزى مۇستەقىل ياشىيالمايدۇ، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. تولىسى كىچىكىدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ستاتىستىكا مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ خىل بىمارلار بالىلارنىڭ 1000/1 دىن ئارتۇق ئىكەن. كېسەلنىڭ سەۋەبى خرومازومنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگەرگەنلىكىدىن، بىمارنىڭ 21 جۈپ خرومازومنىڭ بىر دانىسىنىڭ ئارتۇق بولغانلىقى، بۇ ئېرسىيەت ئىلمىدە «ترىزوم_22 سىندروم» دەپ ئاتىلىدۇ. نورمال ئادەمنىڭ خرومازومىسى 23 جۈپ _46 دانە بولۇپ، بىمارنىڭ 47 دانە بولىدۇ خرومازوما سانى بىلەن ھۈجەيرە ئىچىدىكى باشقا تەركىبلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەڭپۇڭلۇقى ساقلىنىشى لازىم. ئېشىپ كەتسە ياكى كېمىيىپ كەتسە تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، كەمتۈكلۈك كېلىپ چىقىدۇ. خرومازومنىڭ مۇنداق غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى جىنسىي ھۈجەيرىنىڭ كېمىيىپ بۆلۈنۈش ۋاقتىدا يۈز بېرىدۇ. قسىمەن پشىپ يېتىلمىگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى قېرىغاندا، كېمىيىپ كۆپىيىشتە خرومازوما ئاجرالمايدۇ. مۇنداق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئىسپىرمىدىن شەكىللەنگەن ھامىلە ترىزومى خرومازومىلىق ھامىلە بولىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغىنى تىرىزومى 21 لىك خرومازومىدۇر. بۇ كېسەللىك ئانىنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئانا يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كېمىيىپ بۆلۈنۈشتە، خرومازومنىڭ ئاجرالماسلىق ئەھۋالى تېزلىك بىلەن ئاشىدۇ. 45 ياشلىق ئانىلار تۇغقان بالىلاردا تۇغما دۆتلەر 40/1 گە يېتىپ بارىدۇ. كۆپىنچە كۆپ بالىلىق ئانىلارنىڭ ئاخىرقى بالىسى شۇنداق بولىدۇ.