Uyghur主要词典
تۇغلۇق تۆمۈرخان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1320 - 1365) شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان موڭغۇل. چىنگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (؟ - 1242) نىڭ ئەۋلادى. <تارىخىي رەشىدىيە> دە خاتىرىلىنىشىچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان شەيخ جامالىددىن (بۇ كىشىنىڭ ئەۋلادى بۇخارادا بولۇپ، چىڭگىزخان دەۋرىدە شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنغان) نىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەمدە موڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زورلىغان. ئۇنىڭ ئوغلى قادىر خوجا، نەۋرىسى مۇھەممەد خانلار موڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە داۋاملىق زورلاپ، ئىسلام دىنىنى شىنجاڭدا تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇنىڭ قەبرىسى قورغاس ناھىيىسىدە بولۇپ، <تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى> دېيىلىدۇ.