Uyghur←Chinese主要词典
تۇگان بارانوۋىسكى
دۇنيا تارىخى
杜冈一巴拉诺夫斯基
dù gāng yī bā lā nuò fū sī jī
(1865 - 1919) روسىيىلىك بۇرژۇئا ئىقتىسادشۇناسى، <قانۇنىي مارسىز> چىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. خفركوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولغان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە كادېتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوكرائىنا مەركىزىي راداسى ئەسكىيەتچىل ھۆكۈمرىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسىرى <روسىيە زاۋۇتلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقىسى> ناملىق كىتابىدا، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيانقى روسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى بايان قىلىنىپ، نارودنىكلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى تەنقىد قىلىنغان. كېيىن <ھازىرقى زامان ئەنگلىيە سانائەت كرىزىسى، ئۇنىڭ سەۋەبى ھەمدە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى>، <سىياسىي ئىقتىساد ئاساسلىرى> ۋە <ئىجتىمائىي تەقسىمات توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئەمگەك قىممىتى نەزەرىيىسىگە قارشى چىققان، چەت ئۈنۈم نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان؛ ماركسنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيىسىنى بۇرمىلاپ، كاپىتالىزمنىڭ تۈپ زىددىيەتلىرىنى يوققا چىقارغان؛ پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئۇچۇقتىن - ئوچۇق كاپىتالىزمنى ئاقىلىغان.