Uyghur主要词典
تۈتەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددا كۆيگەندە تولۇق كۆيۈپ بولمىغان قىسمىدىن ھاسىل بولغان ئۇششاق دانىچىلەر، ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدۇ، گازغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
<تۈتەك> ئىش - تۈتۈننىڭ يىغىلىشى.
ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ. تۈتۈنى كۆپ، يانغىنى ئاز. ئۆينى تۈتەك باسسا، كۆزگە ئۇۋال.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىۋرىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ جوغىسى.
1 - 502
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوت يالقۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىس، تۈتۈن.
پۈتۈن ئەتراپنى تۈتەك باسقان بولۇپ، بىر ماڭدام يەردىكى ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى.
ھاۋانىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى تۇمان.
تۈن ئۆزىنىڭ قارا پەردىسىنى يېپىپ، ئەتراپنى تېخىمۇ قويۇق تۈتەك باستى.
كۆچمە. زۇلمەت، غەزەپ، ۋەھىمىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەت؛ كۆرۈنۈش.
كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى غەزەپلىك تۈتەك ئاللىقاچان غايىب بولغانىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تۈتەك، چۇس، كەسكىن كىشى.