Chinese→Uyghur主要词典
土耳其立宪运动
دۇنيا تارىخى
تۈركىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، تۈركىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان. (1) 1876-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاممىۋى ھەرىكەنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، يېڭى ئوسمانچىلار ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، سۇلتان ئابدۇل ئەزىزنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئابدۇل خەمىد Ⅱ تەختكە چىقىپ، يالغاندىن ئاساسىي قانۇن چىقىرىشقا قەسەم بېرىپ، يېڭى ئوسمانچىلاردىن مىدھەتنى ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە تۇتۇش قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان. 1877-يىلى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خەمىد Ⅱ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاساسىي قانۇنغا ئارىتپ قويۇپ، دۆلەت مەجلىسىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى توختىتىدىغانلىقىنى، جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن يېڭى ئوسمانچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، بىرىنچى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتىمۇ مەغلۇپ بولغان. -2( 1908 - 1909-يىلى باش تۈركىيە پارتىيىسى ئىككىنچى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، بۇ ئارىلىقتا خەمىد Ⅱ 6187-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى بىر مەھەل ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندن كېيىن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا )1923-يىل( توختىتىلغان. <1908 - 1909 - يىلدىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى> غا قاراڭ.