Uyghur←Chinese主要词典
تۈركىيە - مىسىر ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
土埃战争
tǔ āi zhàn zhēng
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى. جەمئىي ئىككى قېتىم ئۇرۇش: 1824 - 1827 - يىلى مىسىر باش ۋالىيىسى مۇھەممەد ئەلى تۈركىيىنىڭ گرېتسىي قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەن. سۇلتان سۈرىيە ۋە كرىت ئارىلىنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ماقۇل بولغان. 1831-يىلى ئەلى شۇنى باھانە قىلىپ سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلغان، تۈركىيە ئارمىيىسى كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى، مىسىر ئارمىيىسى ئىستانبۇلغا يۈرۈش قىلغان. 1833-يىلى روسىيە ئەسكەر چىقىرىپ تۈركىيىگە ياردەم قىلغانىقتىن، مىسىر ئارمىيىسى يۈرۈش قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. شۇ يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن تۈركىيە - مىسىر <كۈتەھپا كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، ئەلى مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بىراق سۇلتاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. (2) 1839 - يىلىدىن 1840 - يىلىغىچە بولغان ئۇرۇش: سۇلتان مەھمۇد Ⅱ ئەنگلىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن 1839 - يىلى مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان. تۈركىيە ئارمىيىسى سۈرىيىدە مەغلۇپ بولغان، مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان پارخوت ئەترىتى تەسلىم بولان. ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە بىلەن بىرلىشىپ تۈركىيىگە ياردەم قىلىشقان. ئىككىنچى يىلى مىسىر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئەلى باش ئېگىشكە مەجبۇر بولغان. سۇلتانغا بويسۇندىغانلىقىنى، مۇددەت بويىچە خىراج تۆلەيدىغانلىقىنى، مۇددەت بويىچە خىراج تۆلەيدىغانلىقىنى، مىسىر بىلەن شەرقىي سۇداننىڭ ۋارىسلىق خوجىدارلىقى ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قېلىپ، ئارمىيىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ھەمدە 1838-يىلىدىكى ئەنگلىيە - تۈركىيە سودا شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.