Uyghur主要词典
تۈپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
ئاساسىي، نېگىزلىك، ئەسلى.
تۈپ قانۇنىيەت.* تۈپ سۆز.* تۈپ سان.*
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
دەل _ دەرەخ، ئوتياش _ كۆكتاتلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
بىز باغقا ئالتە تۈپ ئالما دەرىخى تىكتۇق.* كۆكتاتلىقتىن ئىككى تۈپ يېسىۋېلەك ئەكەلدىم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈپ، كۆتەك.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ تۈۋى. يىغاچ تۈپى _ دەرەخنىڭ تۈۋى، كۆتىكى.
3 - 164
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈۋ، تەكت.
تام تۈپى _ تام تۈۋى. ئادەملەرنىڭ تەكتىگىمۇ « تۈپ» دېيىلىدۇ. « تۈپلۈگ ئەرەن _ تۈپلۈك ئادەم، تېگى - تەكتى بار ئادەم» دېگەن سۆز شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 164
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۈپ، ئاساس، يىلتىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئاساسىي؛ نېگىزلىك.
تۈپ سەۋەب. تۈپ پرىنسىپ. تۈپ مەنپەئەت. تۈپ زىددىيەت. تۈپ مەقسەت.
سۈپ. ئەسلىي، ئەسلىدىكى.
تۈپ سۆز.
رەۋ. پۈتۈنلەي، ئۈزۈل - كېسىل.
ھازىر بىز ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىدە تۈپ ياخشىلىنىش ھاسىل قىلالىغىنىمىز يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۆسۈملۈك ياكى دەرەخلەرنىڭ ھەر دانىسى.
بۇ كۆچەتنىڭ ھەر تۈپىنى ئىككى كويدىن سېتىۋالدىم.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بەش تۈپ ئالما.