Uyghur主要词典
تۈن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كېچە:
مۇسىبەتلەركى سالدى كۆڭلۈمە ھىجران تۇنى گەردۇن،
يۈزى بىھەد يارالىغ بۇ كۆڭۈلدىن ھەم خەراش ئولسۇن.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوتكىنىڭ كۈندۈزى تۈگەپ، قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقتى، شۇ ۋاقىتتىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىت.
كەچ يات، سەھەر تۇر. كەچقۇرۇن كەلگەن مېھماننى ياخشى كۈت. كېچىنى كېچە دېمەي ئىشلىمەك. سۈت كېچىدىمۇ ئاق. ئاخشام بولدى يات، سەھەر بولدى كەت. كۈننى تۈنگە ئۇلاپ. تۈننىڭ راھىتى - تىنچ ئۇيقۇ. نىسپىي شەپتە ئويغاندىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈن - كېچە بويىچە.
كېچىچە كىرپىك قاقمىدىم. تۈن بويى ئۇخلىماي چىقتىم. تاڭ ئاتقۇچە ئىشلىدۇق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈن، كېچە.
تۈنلە كەلدىم _ تۈن بىلەن كەلدىم.
1 - 441
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كېچە، قاراڭغۇلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاخشامدىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىت، كېچە.
ئاي تۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە كېرەك (ماقال).
كۆچمە. زۇلمەت، جاھالەت؛ قاراڭغۇ.
كۆكتە بۇلۇت، قارا تۇمان غايىب ئىدى كۈن، ئوراپ ئالغان قاراڭغۇلۇق، ۋەتەن ئىدى تۈن.