Uyghur←Chinese主要词典
تۈلەش بېزى
بىئولوگىيە
蜕皮腺
tuìpíxiàn
<تېرە تاشلاش بېزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋان تېنىدىكى بىرخىل بەز، مەلۇم خىل ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھايۋانلارنىڭ كونا پوستىنى تاشلاتقۇزىدۇ. تۈلەش بېزى - سىرتىدا ئۆسۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان مۇستەھكەم تەن دىۋارى بولغان ھايۋان تۈرلىرىدە بولىدۇ. مەسىلەن، ھاشاراتلاردا ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن تۈلەش بېزى بولۇپ، تەركىبىدە خىتىنازا ۋە پروتېئىنازا بولغان تۈلەش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ، كونا پوستىنىڭ ئىچكى ئېپىتېلىيىسىنى ھەزىم قىلىۋېتىپ كونا پوستى بىلەن ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى ئايرىۋېتىدۇ. قاناتسىزلار كەنجى سىنىپىدىكى ھاشاراتلارنىڭ تۈلەش بېزى ئۆمرى ئاخىرلاشقۇچە ساقلىنىدۇ. قاناتلىقلار كەنجى سىنىپىدىكىلەرنىڭ ئاز ساندىكى تۈرلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ يېتىلگەن قۇرت دەۋرىدىكى تۈلەش بېزى ئاساسەن رۇدىمېنتلىشىشقا يۈزلىنىدۇ، پەقەت لىچىنكا دەۋرى ھەم قورچاقتىن چىقىش ۋاقتىدىل ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. بەزى تۈرلىرىدە بەلگىلىك ساندا تۈلەش بېزى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆي پىلىسىنىڭ كۆكرەك قىسمىدا ئۈچ جۈپ، قورساق قىسمىدا 8 - 9 جۈپ، جەمئىي ئون نەچچە جۈپ بولىدۇ.