Uyghur主要词典
تۈك چىقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: ئىش _ ھەرىكەت كاشلىغا ئۇچرىماق، پېشكەللىك يۈز بەرمەك.
ئىش ماڭسا چېچەك چىقماي مۇشۇ پېتى، تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ئاقىۋىتى. سېنىڭ ئىشىڭغا تۈك چىقىپ قاپتۇ. ئىشمىز بىر ئوبدان يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، نېمە بولدى، توساتتىن چىگىت چېقىپ قالدى. پىستان چاقمىسىلا، ئىشىمىز قەرەلىدە پۈتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قىلىۋاتقان ئىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىماق، كۈتمىگەن يەردىن چاتاق چىقىپ قالماق: - بۇ ئىشقىمۇ تۈك چىقتى، - دېدى زايىر ئۈمىدسىزلىك بىلەن بېشىنى چايقاپ.