Uyghur主要词典
تۈگۈن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تۈگۈن، ھالقا:
سۇنۇق كۆڭلۈم ئۇزارىڭ شەۋقىدىن تايپمىش تۈگۈنلۈككىم،
ھىلال ئانداغكى ئولمىش مېھرىدىن ئون تۆرت كۈنلۈك مەھ،
ئەرشى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بەدىئىي ئەسەردىكى ئاساسىي ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. مەسىلەن: يازغۇچى جاۋ شۇلى يازغان <لى يۈيسەينىڭ قوشاقلىرى> ناملىق ھېكايىنىڭ ئىككىنچى ئابزاسىنى، يەنى <لى يۈيسەينىڭ گەمىسىدىكى سۆھبەت> دېگەن ماۋۇ بۇ ھېكايىدىكى توقۇنۇشنىڭ تۈگۈنىدۇر. بۇنىڭدا يەنجاسۇننىڭ كونا كەنت باشلىقى يەن جافۇ ئەمەلدىن بوشىتىلىپ يېڭىدىن كەنت باشلىقى سايلانغانلىقى، لى يۈيسەي بىلەن شياۋفۇ، شياۋيۇەن، شياۋشۇن، شياۋفۇلارنىڭ <ئىشنى توغرىلاش> ئارقىلىق ئۆز ئادەملىرىدىن كەنت باشلىقى سايلىماقچى بولغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن توقۇنۇش ۋە كۈرەش باشلىنىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈگۈن.
1 - 521
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئارغامچا، يىپ، لىنتا، تاسما قاتارلىقلارنىڭ باغلاپ ئۇلانغان ياكى سىرتماق قىلىپ چىگىلگەن يېرى.
بىزنىڭ زاۋۇتتىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈن تۈگۈشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ.
باغلاپ، ئوراپ، بوغچىلاپ چىگىلگەن نەرسە؛ باغ، بوغچا.
ئۇ قىزىل يىپەك يىپ بىلەن باغلانغان بۇ تۈگۈننى يېشىپ، ئىچىدىكى چوڭ ئاق شايى ياغلىقنى ئېچىپ قارىدى.
يىغىش ۋە تۈرۈشتىن ھاسىل بولغان، تومپىيىپ چىققان جاي.
باتۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ۋاڭنىڭ قويۇق قاشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر تۈگۈن پەيدا بولۇپ، سەل تۈرۈلدى.
ئاساسىي يول ۋە لىنىيىلەرنىڭ تۇتاشقان ئېغىزى.
قۇتۇبى ئورمانچىلىق مەيدانى قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، بۇ يەردىن ئاپتوموبىللار كۆپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ.
ۋەقە، ھادىسە، ئىش پائالىيەت قاتارلىقلارنىڭ گىرەلەشكەن، يىغىلغان مۇھىم نۇقتىسى.
مەسىلىنىڭ تۈگۈنى. كۈرەشنىڭ تۈگۈنى.
<ئەد> بەدىئىي ئەسەردىكى ئاساسىي ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.
تۈگۈن يېشىلسە، ئەسەردىكى ئاساسىي تېما پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ.
كۆچمە. كۆڭۈلدە ساقلانغان، يېشىلمىگەن، گۇمانلىق، سىرلىق ئەھۋال، نەرسە.
قانداقتۇر بىر تۈگۈن كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى.
بىرلىككە كەلگەن پىكىر.
ئەپچىلەم ئېتىز يوللىرىدا ئاغىنىلىرى بىلەن تېپىشىپ، بىر تۈگۈنگە كېلىشىپ، كۆڭلى ئامان بوپتۇ.