Uyghur←Chinese主要词典
تۈگمىسىمان تەنچە
پسىخولوگىيە
乳头体
rǔ tóu tǐ
بۇ خىل تەنچە مېڭە دۆڭچىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بىر جۈپ يېرىم شارسىمان دۆڭچىلەردىن ئىبارەت. بۇ تەنچىلەر ئىچكى يېنى، سىرتقى يېنى، ئوتتۇرىسى، يادروسى قاتارلىق قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ. تەتقىقاتلادىن بۇ تەنچىنىڭ خاتىرە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم بولغان. ئەگەر بۇ تەنچە زەخمىلەنسە، كىشى يېقىن ئارىدىكى خاتىرىسىنى يوقىتىدۇ، يەنى يېقىن ئارىدا يادىدا قالغان خاتىرىسىنى ئەسلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.