Uyghur主要词典
تۈگىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەت ئاخىرىغا يەتمەك.
ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر. قول سېلىپ ئىشلىگىنى _ ئىشنىڭ پۈتكىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاخىرىغا يەتمەك، تامام بولماق.
تۈننىڭ يېرىمى تۈگەپ، باش توخۇ چىللاۋاتقىنىنى ھېچكىم سەزمەيتتى.
ئۆلۈپ كەتمەك، ئۆلمەك.
دادام ئىككى يىل ئاغرىپ يېتىپ، ئاخىرى تۈگەپ كەتتى.
يوقالماق.
ئۇنىڭ ئەمدى ھېلىقى ئىچ پۇشۇقى، نامەلۇم بىراۋنى سېغىنىشلىرى ۋاقتىنچە تۈگىدى.