Uyghur主要词典
تۈگەشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق، قىيىن ئەھۋالغا دۇچار كەلمەك.
ھازىر بۇنى ئېچىپ يۈرسەك، ناۋادا تۇيۇقسىز بىراۋ كۆرۈپ قالسا تۈگىشىمىز.
ھالاك بولماق، يوقالماق، ئۆلمەك.
خالىدەم، سىز بولمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ ھاياتىم تۈگەشكەن بولاتتى.
ھالىدىن كەتمەك، ئاجىزلاشماق.
ئايىمنىسا ئاچام كامىلنىڭ دەردىدە بارغانسېرى تۈگىشىپ كېتىپتۇ.
ھېساب - كىتاب، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك؛ ئادا - جۇدا بولماق.
ئۇلار ئاخىر خېتىنى ئېلىپ تۈگەشتى.