Uyghur主要词典
تىتو
مەشھۇر شەخسلەر
جۇسىپ بروز تىتو (1892 −1980 - يىللار) يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى ۋە فېدېراتىپ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ كرودىيىنىڭ كومروۋىس دېگەن يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،18 يېشىدا ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ يۇگوسلاۋىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ۋە يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.30
- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى كۈرىشى كەسكىنلىشىپ كېتىپ، پارتىيە خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، تىتو پارتىيىنىڭ باش شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇزاق ئۆتمەي2 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، گېرمانىيە فاشىستلىرى يۇگوسلاۋىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئىمپېراتور پېتىرⅡ ۋە ئىمپېراتور ھۆكۈمىتى لوندونغا قېچىپ بېرىۋالغان. مىللەت ھايات - ماماتلىق گىردابىغا بېرىپ قالغان ھالقىلىق پەيتتە، تىتو رەھبەرلىكىدىكى يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. تىتو ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، ئاجايىپ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. يۇگوسلاۋىيە قوراللىق كۈچلىرى دەسلەپكى »قىزىل برىگادا«دىن تەرەققىي قىلىپ،1943 - يىلىغا كەلگەندە300 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيىگە ئايلانغان. تىتو قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كوماندىر - جەڭچىلەر بىلەن جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ، ھاياتتىمۇ، ماماتتىمۇ بىللە بولۇپ، كۆپ قېتىم يارىلانغان. يۇگوسلاۋىيە خەلقى تىتونىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئازاد قىلغان.1945 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، پايتەخت بېلگرادنى بىر ھۇجۇم بىلەنلا ئالغان. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىمپېراتور ھۆكۈمىتىنى بىكار قىلىپ، يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىغا ماڭغان.
يۇگوسلاۋىيىنىڭ سوتسىيالىزم يولىغا قانداق مېڭىشى مەسىلىسىدە، تىتو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئەندىزىسىنى قارىغۇلارچە ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمەستىن، بەلكى مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا »ئىشچىلار ئاپتونومىيىسى« يولىنى تۇتقان. ئۇ خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى، ھوقۇق خەلقنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك، ئىشچىلار ئاپتونومىيىسى دەل مۇشۇ پرىنسىپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىۋاسىتە تۇتماسلىقى، مەركەز پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى يولغا قويماسلىقى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كارخانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى، بازار ئارقىلىق تەڭشەش، سوتسىيالىستىك تاۋار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان. تىتونىڭ رەھبەرلىكىدە، يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئاپتونومىيىچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمى1950 - يىلى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى، راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئارقىلىق، كارخانا ئاپتونومىيىسى جەمئىيەت ئاپتونومىيىسىگە تەرەققىي قىلغان.
خەلقئارا ئىشلاردا تىتو ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە داھىيسى بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر يىغىنى ئاچقان.
تىتو1980 - يىل5 - ئاينىڭ4 - كۈنى ليۇبليانادا ۋاپات بولغان.
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1980) يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى (1953 - 1980). يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى (1969 - 1980). ئەسلى ئىسمى جۇسىپ بروز. كرودىيىنىڭ كۇمروۋىس دېگەن يېرىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1905 - يىلى تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سېلىسا بولغان. 1910-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1913-يىلى ئەسكەرلىككە كىرىپ ئاۋسترۇ - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قوشۇنىدا خىزمەت قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا روسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان. روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر مەھەل <خەلقئارا قىزىل گۋاردىيە> گە قاتناشقان. 1920-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى رايونلۇق كومىتېتنىڭ ئەزاسى، زاگرېب مېتالورگىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنڭ سېكرىتارى ۋە زاگرېب شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1928-ىلى نامايىشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقتىن، بەش يىللىق ئەمگەك جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1934-يىلى تۈرمىدىن چىققان، تىتو دېگەن نام بىلەن يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى كرودىيە ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 12-ئايدامەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1935-يىلى موسكۋاغا بېرىپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال بالقان سېكرىتارى بولغان. 1941-يىلى گېرمانىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرى يۇگوسلاۋىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. خەلق ئازادلىق پارتىزانلار ئەترىتى باش قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇپ، باش قوماندان بولغان ھەمدە خەلق ئارمىيىسى ۋە دۈشمەنگە قارشى بازار قۇرغان. 1943-يىلى 11-ئايدا يۇگوسلاۋىيە خەلق ئازادلىق فاشىزمغا قارشى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، شۇ يىلى يۇگوسلاۋىيە مارشالى دېگەن نام بېرىلگەن. 1944-يىلى خەلق قەھرىمانى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1945-يىلى 11-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1952-يىلى 11-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئازاد بولغاندىن كيېىن، فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1952-يىلى يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1953-يىلىدىن باشلاپ جۇمھۇرىيتەتنىڭ زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي موماندانى بولغان. سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە لۇشيەنىنى تۈزۈپ چىققان. 1963-يىلى ئاساسىي قانۇندا ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭ قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1974-يىلى يەنە يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتپاقىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك رەئىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن.