Uyghur主要词典
تىتىكاكا كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
تىتىكاكا كۆلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاند تاغلىق رايونىغا، يەنى پېرۇ بىلەن بولىۋىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. كۆلىمى تەخمىنەن8030 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى100 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى304 مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز كۆل ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3812 مېتىر كېلىدىغان بۇنداق ئېگىز جايدا مۇشۇنداق بىر چوڭ كۆلنىڭ بولۇشىنى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.
تىتىكاكا كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، كىشىگە يېقىشلىق بولۇپ، مەشھۇر ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. كۆلدە51 ئارال بار. كۆل رايونىدا ياشايدىغان ئىندىئانلار چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىققا تايىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان بىر خىل غەلىتە قاتناش قورالى − يېكەن قولۋىقى بار، ئۇ بولسىمۇ كۆل ئەتراپىدا ئۆسكەن قېنىق مايسا رەڭ يېكەندىن توقۇپ ياسالغان قولۋاق. بۇنداق قولۋاق يېنىك ھەم ئەپچىل بولۇپ، بېلىق تۇتۇشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. سالمو بېلىقى بۇ كۆلنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتىدۇر.
بۇ رايون ئىدىئانلار مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى، كۆلدىكى قۇياش ئارىلى بىلەن ئاي ئارىلىدا يەرلىك ئىندىئانلار مۇقەددەس دەپ قاراپ كەلگەن ئوردا، بۇتخانا، ئېھرام قاتارلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ساقلىنىپ كەلمەكتە.12 - ئەسىردە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار ئاند تاغلىق رايونىدا خېلىلا گۈللەنگەن ئىمپېرىيە قۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەردىكى قۇياش ئارىلى بىلەن ئاي ئارىلى دۆلەتنى قۇرغۇچى پادىشاھنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ئۆزگىرىپ ئالتۇن، كۈمۈشلەردىن قاتۇرۇلغان دەپ قارىلىدىكەن. كۆلنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسىدە بىر پۈتۈن تاشتىن ئويۇلغان تاش ئىشىك كېشىكى بار.
بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ھايۋانلار، يەنى لاما، ئېكۋادور قوي تۆگىسى، ئامېرىكا تۆگىسى قاتارلىقلار بار. سەل تېيىزراق كەلگەن كۆل تېگىدە كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل چوڭ يېشىل پاقا ياشايدۇ. ئۇنىڭ كۈل رەڭ، يېشىل ۋە قارا رەڭلىك تۈرلىرى بار، مۆلچەرلىنىشىچە، مەزكۇر كۆلدە بۇ خىلدىكى پاقىدىن نەچچە مىليونى ياشايدىكەن.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بولىۋىيە بىلەن پېرونىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان كۆل. ئۇ مەيدانىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن 3812 مېتر ئېگىز بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاتلىق سۇلۇق كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆلنىڭ مەيدانى 8330 كۋادرات كىلومېتر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 100 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 273 مېترغا يېتىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى
℃13 . كۆل سۈيى كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېساگۇ ئادېرو دەرياسى ئارقىلىق پوپو كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. كۆلدە بېلىق ۋە باشقا جانىۋارلار ناھايىتى كۆپ. تىتىكاكا كۆلى بولىۋىيە بىلەن پېرۇ ئارىلىقىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولى بولۇپ، بولىۋىيىنىڭ كۇاكى شەھىرى بىلەن پېرۇنىڭ پۇنۇ شەھىرى ئارىلىقىدا يىل بويى قېيىقلار قاتناپ تۇرىدۇ، تىتىكاكا كۆلىدە كۈن ئارىلى، ئاي ئارىلى قاتارلىق كىچىك ئاراللار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى تىتىكاكا ئارىلى ھىنگا دەۋرىدە مۇقەددەس جاي بولغان. بۇ جايدا ھازىرغىچە ئۆتمۈشتىكى ئىبادەتخانىلار، خان سارايلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانماقتا.