Uyghur主要词典
تىتاڭ تومۇرىغا تەگمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يول بىلەن بىراۋنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، ئۇنى خاپا قىلماق.
ئۇۋىسىدىكى بۆرىنى تېرىكتۈرمە. جېنىمغا تەگكەن _ دۈشمىنىم. ئۇنىڭ جېنىنى چىقارمىساڭچۇ. چىشىغا تەگسەڭ، چۈمۈلىمۇ چاقار. كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ جىلە قىلىش ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ يىغىرىغا تېگىپ نېمە قىلىسەن، بولدى قىل. كىشىنىڭ يېغىرىنى ئاچقان كىشى ئۆز يېغىرىنى ياپالماس. قانداق، تىتاڭ تومۇرلىرىغا تەگدىمۇ؟ تېلىغا تەگكىنىڭ يامان بوپتۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قىلغان گەپ - سۆز دەل جايىغا تېگىپ، ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، سۆزى گويا يېڭلا غىلىپىدىن چىقىرىلغان قوش بىسلىق خەنجەردەك ئۇلارنىڭ كۆكسىگە سانجىلغان، يېرىغىرىنى ئاچقان، تىتاڭ تومۇرىغا تەگكەنىدى.