Uyghur←Chinese主要词典
تېسېن يىغىنى
دۇنيا تارىخى
铁申会议
tiě shēn huì yì
1779-يىلى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە باۋارىيە پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ھەك قىىلش ئۈچۈن چاقىرغان خەلقئارا يىغىن. 1778-يىلى، باۋرىيە كورۇلى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ۋارىسلىق قىلغۇچى بولمىغانلىقتىن، ئاۋسترىيە باۋارىيىنى ئۆزىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىان خوجىلىق يېرى قىلىۋالماقچى بولغاندا، پرۇسسىيىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، تالاش - تارتىش كېلىپ چىققان. روسىيە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ، 1648-يىلدىكى <ۋېستىفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى> نىڭ كاپالەتچىسى دېگەن سالاھىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ <كېسىم قىلغان>. 1779-يىلى 5-ئايدا، تېسېندا يىغىن چاقىرىلغان، 13-كۈنى <ېنسېن سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، ئاۋسترىيە باۋارىيىنى ئىشغال قىلىۋېلىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر ىلىنغان. لېكىن ئۇنىڭغا تولۇقلىما سۈپىتىدە باۋارىيىنىڭ ئىننىكرىس ناھىيىسى بېرىلگەن. بۇ يىغىن روسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتكەن.