Uyghur←Chinese主要词典
ترۇناد جايا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
杜鲁诺佐约战争
dù lǔ nuò zuǒ yuē zhàn zhēng
(ⅩⅦ ئەسىردىكى ترونادجايا رەھبەرلىكىدىكى ياۋا خەلقىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى. ترۇنادجايا مادېيرا پادىشاھىنىڭ جىينى بولۇپ، ئۆزىنى ماجاپاخت پادىشاھىنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ، ماجاپاختنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گوللاندلارنى قوغلاپ چىقىرىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1674-يىلى مادېيرادا قوراللىق قوزغىلاڭ قوزغىغان. كېيىن ياۋاغا يۈرۈش قىلىپ ماتارامنىڭ پايتەختىنى ئېلىپ، بانتام ۋە ماكاسار خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، شەرقىي ياۋانىڭ پۈتكۈل دېڭىز قىرغىقى رايونلىىرنى ئازاد قىلغان. كېدىرى دېگەن جايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ باش تابىنى قۇرغان. شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ماتارام پادىشاھى بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، 1679-يىلى 12-ئايدا قوزغىلاڭنى ۋەزشىيلىك بىلەن باستۇرغان. ترونادجايا ئەسىرگە چۈشۈپ، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.