Uyghur←Chinese主要词典
ترويا ياغاچ ئېتى
دۇنيا تارىخى
特洛伊木马
tè luò yī mù mǎ
<ياغاچ ئات ھىيلىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ترويا (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر) شاھزادىسى پارس ئىلاھىنىڭ ياردىمى بىلەن، سپارتا پادىشاھى مېنېلائۇسنىڭ خوتۇنى ھېلېننى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن. مىكناي پادىشاھى ئاگامېمنون (مېنېلائۇسنىڭ ئاكىسى) قوماندانلىق قىلغان يۇنان يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن تروياغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ توققۇز يىلغىچە ئۇنى ئالالمىغان، ئونىنچى يىلى ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان بولسىمۇ (گومېرنىڭ تارىخىي داستانى <ئىلىئادا> دا ئونىنچى يىلدىكى بىر باسقۇچلۇق جەڭ بايان قىلىنغان)، يەنىلا غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت ئايرىلمىغان. يۇنانلىقلار ئارمىيىسىدىكى <ئەقىل كۆرسەتكۈچ> ئودىسسىئۇسنىڭ كۆرسەتكەن ھىيىلىسىنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم خىل ئەسكەرلەرنى يوغان ياغاچ ئاتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇن، شەھەر سىرتىغا قويۇپ قويۇپ، ئاندىن يالغاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن. ترويالىقلار ياغاچ ئاتنى ئولجا قاتارىدا ھەرگە ئېلىپ كىرگەن. ئاتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئەسكەرلەر كېچىدە چىقىپ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتكەن، ئەسلى چېكىنىپ كەتمىگەن يۇنان ئەسكەرلىرى گويا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن ترويا شەھىر ئاخىرى قولدىن كەتكەن (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ ئەسىردە). ھازىرقى ۋاقىتتا دائىم دۈشمەن تەرەپنىڭ لاگېرىغا ئەسكەر (ياكى پايلاقچى) يوشۇرۇپ قويۇپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئىش قىلىش ھىيىلىسىگە تەقلىد قىلىنىدۇ. <توريا> غا قاراڭ.