Uyghur←Chinese主要词典
تېرېنتىئۇ
دۇنيا تارىخى
特兰提鸟
tè lán tí niǎo
تېرېنتوس 【太伦斯】 (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 195 - 159) قەدىمكى رىم كومېدىيىچىسى. شىمالىي ئارفاگېندا تۇغۇلغان. بالا ۋاقتىدا رىمغا ئېلىپ بېرىلىپ، سىنات ئەزاسى تېرېنتىئۇ لۇكانۇغا قۇل قىلىپ بېرىلگەن. بەك زېرەك بولغانلىقتىن، ئۇنى خوجايىنى تەبىيىلىگەن ۋە ئازاد قىلغان، كېيىن خوجايىنى (قوغدىغۇچىسى) نىڭ فامىلىسىنى قوللانغان. كىچىك سىپىئو قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەر بىلەن دوست بولغان، شۇنداقلا يۇنانغا بېرىپ مېناندروسى كومېدىيىسىنى تەتقىق قىلغان ھەم ئۇنى ئۈلگە قىلىپ ئىجادىيەت ياكى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ <ئاندېرىيە> (يەنى <ئاندالوستىكى بىر ئايال>)، <ئۆگەي ئانا>، <ئۆز - ئۆزىنى ئازابلاش>، <ھەرەم خادىمى>، <پورمىئې> ۋە <ئاكا - ئۇكىلار> دېگەن ئالتە سەھنە ئەسىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ماتېرىياللارنىڭ تولىسىنى يۇناندىن ئالغان، كىشىلەرنىڭ مىجەزخۇلقىنى خېلى ئىنچىكىلەپ كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۇنىڭ نەپىس لاتىنچە ئۇسلۇبى كائېسار ۋە سىسېرو تەرىپىدىن ماختالغان.