Uyghur主要词典
تىرىنتوس
دۇنيا تارىخى
پېلوپوننېسوس يېرىم ئارىلىنىڭ (جەنۇبىي گېرېتسىيە) شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمىي شەھەر. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅤ ئەسىردە بىنا قىلىنغان، ئارگولس تەۋەلىكىدە بولۇپ، شىمالىي قوشنىسى مىتسىنا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مىستسىنا مەدەنىيىتىنىڭ (ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبي قىسمى) مۇھىم خارابىلىرى ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كىچىك ئاسىيادىكى لىتسىيە كۆچمەنلىرى قۇرغان بولۇپ، مىستسىنا ئاۋاتلاشقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بولسا كېرەك. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردىكى گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە يېنىدىكى چوڭ شەھەر ئارگوسنىڭ بۇزغۇغچىلىقىغا ئۇچرىغان ئېتىبارەن خارابلاشقان. 1884 - 1876 - يىللىرى گېرمانىيە ئارخېئولوگى سېلېمان ۋە دورىفېلد ( لارنىڭ قېزىشى بىلەن تىرىنتۇس قەدىمىي قەلئەسىنىڭ سېپىل دەۋازىسى )شەرقىي تەرەپ(، ئوردا سارىيى قاتارلىق پۈتۈن جايلىشىشى نامايان بولغان ھەمدە زور تۈركۈمدە مېتىال، ساپال ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئېرىشكەن؛ قارىلىشىچە، ئۇنىڭ مۇستەھكەم سېپىلى مىستسىنا شەھىرىنىڭكىگە قارىغاندىمۇ قەدىمىيرەك ئىكەن. بۇ كشپىيات گومېر داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاكايلارنىڭ جەمئىيىتىنى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دەلىللەپ بەرگەن. بۇ، مىتسىنا دەۋرىگىلا ئەمەس، بەلكى دەسلەپكى قەدىمىي يۇان تارىخىغا بولغان تەتقىقاتتا بىردەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.