Uyghur←Chinese主要词典
ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
图尔诺活宪法
tú ěr nuò huó xiàn fǎ
1879-يىلى روسىيە ھەربىي ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرى بۇلغارىيە كىنەزلىكىگە تۈزۈپ بەرگەن ئاساسىي قانۇن. 1878-يىلى 7-ئايدىكى <بېرلىن شەرتنامىسى> بۇلغارىيە كىنەزلىكىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە كىنەزلىك چېگىرىسىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى، روسىيىنىڭ كىنەزلىكىنى ئىدارە قىلىش مۇددىتىنى ئىككى يىلدىن توققۇز ئايغا قىسقارتقانلىقىنى بەلگىلىگەن. روسىيە ھۆكۈمىتى كىنەزلىكىنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، قانۇنشۇناس سېرگېي لۇكىئانوۋنى <تەركىب تېپىش قانۇنى> تەييارلاشقا ئەۋەتىپ، ئۇنى بۇلغارىيە پارلامېنتىنى ماقۇللىشىغا تاپشۇرغان. 1879-يىلى 2-ئايدا، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئوفىتسېرى دونلۇكوۋ - كورساكوۋ ترنوۋودا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ لايىھىنى تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئنى <ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى> دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان. ئاساسىي قانۇن بۇرژۇئا مۈلۈكچىلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ بۇلغارىيىدە ئەركىن تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.