Uyghur主要词典
تېرموپىلىئې جېڭى
دۇنيا تارىخى
گرېتسيە بىلەن پرۇسسىيە ئۇرۇشىدىكى بىر جەڭ. تېرموپىلىئې <ئارىشاڭ ئۆتكىلى> دېگەنلىك( شىمالىي گرېتسىيىدىن ئوتتۇرا گرېتسىيىگە بارىدىغان مۇھىم ئۆتكەل. بۇ يەرنىڭ تاغلىرى تىك، يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن خەتەرلىك. مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شىمالىي گرېتسىيە ئارقىلىق جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن. سپارتا پادىشاھى لېئوندا پېلوپوننېس ئەسكەرلىرىدىن تەخمىنەن 4000 كىشىنى باشلاپ، بۇ يەرنى قوغداپ، پېرسىيە قوشۇنىنى ئىككى كىشىنى باشلاپ، بۇ يەرنى قوغداپ، پېرسىيە قوشۇنىنى ئىككى كۈن توسۇپ تۇرغان. كېيىن ئىچكى قىسمىدىكى خائىننىڭ دۈشمەنگە يول باشلىشى تۈپەيلىدىن گرېتسىيە قوشۇنى مۇھاسىرە ئىچىدە قىلىپ پىتىراپ كەتكەن. لېئوندا 300 سپارتا جەڭچىسىنى باشلاپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى نالىق جەڭ قىلغان ۋە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. پېرسىيە قوشۇنى ئوتتۇرا گرېتسىيىگە كىرىدىغان يولنى ئاچقان. سپارتالىقلارنىڭ بۇ جەڭدىكى قەھرىمانلىق جاسارىتى كەڭ مەدھىيىلەنگەن.