—参考资料
تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - جىنايەتچىلەرنى تۈرمىدىن قېچىشقا توپلىغان، پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باش ئۇنسۇرنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا، توپلىشىپ تەشكىللىك، پىلانلىق ئاساستا تۈرمىدىن قېچىش قىلمىشىنى سادىر قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى پەقەت قانۇن بويىچە قامالغان جىنايەتچىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
317 - ماددا 1 - تارماق تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。