Uyghur←Chinese主要词典
تىرىلگەن بوربۇن سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
波旁复辟王朝
bō páng fù bì wáng cháo
فرانسىيىدىكى قايتىدىن تىرىلگەن سۇلالە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيىدە ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن بوربۇن سۇلالىسىنىڭ فرانسىيىدە قايتا ئەسلىگە كېلىشىنى بەلگىلىگەن. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ناپولېئون Ⅰ تەختتىن چۈشكەن. لۇئى ⅩⅤⅢ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى پارىژغا كىرگەن. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 1814-يىللىق نىزامنامىنى ئىمزالىغان. بۇ، بىرىنچى قېتىملىق قايتا تىرىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1815 - يىلى ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك سۇلالىسى مەزگىلىدە لۇئى ⅩⅤⅢ قايتىدىن پادىشاھلىق ئورنىغا چىققان. بۇ ئىككىنچى قېتىملىق قايتا تىرىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قايتا تىرىلگەن سۇلالە كونا تۈزۈمنىڭ ئاددىيلا ئەسلىگە كېلىشى بولماستىن، بەلكى ئاقسۆڭەك، پومېشچىكلار بىلەن چوڭ بۇرژئازىيىنىڭ مۇرەسسەلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنڭ نەتىجىسى ئىدى. لېىنىن بۇ <بۇرژئا پادىشاھلىق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىشىدە بېسىلغان بىر قەدەم> دەپ ھېسابلىغان. پادىشاھنىڭ ئىنىسى گراف ئاتوۋا باشچىلىقىدىكى ئىنتايىن جاھىل مونارخىستلار كونا تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. 1824 - يىلى 9-ئايدا گراف ئاتوۋا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، كارل Ⅹ دەپ ئاتالغان ۋە كۈچىنىڭ بارىچە ئەكسىيەتچى سىياسەت يۈرگۈزگەن. ئاخىر 1830-يىلدىكى ئىيۇل ئىنقىلابى يۈز بەرگەن. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى كارل Ⅹ تەختتىن چۈشۈپ، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تىرىلگەن بوربۇن سۇلالىسىگە خاتىمە بېرىلگە.