Uyghur←Chinese主要词典
ترېيچكې
دۇنيا تارىخى
特整洁赖厅克
tè zhěng jié lài tīng kè
(1834 - 1896) گېرمانىيە تارىخشۇناسى. لېيپسىگ داشۆسى ۋە بونن داشۆسىدە ئوقۇغان. پرۇسسىيە ئىلمىي ئېقىمى ئەزالىرىنىڭ بىرى. 1866-يىدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىل ۋە ھېيدېلبېرگ داشۆلىرىدە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1874-يىلدىن باشلاپ بېرلىن داشۆsىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1874-يىلدىن باشلاپ بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1886-يىلىدىن باشلاپ پرۇسسىيە تارىخ ئەمەلدارى بولغان. 1871 - 1888 - يىللىرى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، پرۇسسىيە خاندانلىقىنىڭ قوراللىق كۈچ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان. سوتسىيالىزمغا قارشى تۇرغان، ئىرقچىلىق ۋە شوۋېنىزمنى تەرغىپ قىلغان، كېڭەيمچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <ⅩⅨ ئەسىردىكى گېرمانىيە تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.