Uyghur主要词典
تېرە بېزى
بىئولوگىيە
ئالاھىدە ئاجرىتىپ چىقىرىش فونكسىيىسىگە ئىگە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىدىن تەركىب تاپقان سىرتقى ئاجراتما بېزى. تۈزۈلۈشىدىن ئېيتقاندا، بىر ھۈجەيرىدىن شەكىللەنگەن بىر ھۈجەيرىلىك بەز ۋە كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان نەيچىسىمان ياكى خالتىسىمان كۆپ ھۈجەيرىلىك بەزلەر بولىدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك بەزلەرنىڭ بەزىلىرى يەنە بەز تەنىسى، زاپاس ساقلاش قىسمى ۋە توشۇغۇچى نەيچە قاتارلىق قىسىمىلارغا بۆلۈنگەن بولىدۇ. فۇنكسىيىسى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردىن ھاشاراتلارنىڭ تۈلەش بېزى، موم بېزى ۋە ھەسەل بېزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېرە بېزى بولۇپ، تۈلەش سۇيۇقلۇقى، موم ۋە ھەسەل شىرنىسى قاتارلىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؛ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىكى ماي بېزى، سۈت بېزى، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بېزى، زەھەر بېزى قاتارلىقلار بولسا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېرە مېيى، سۈت، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، زەھەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ سىلىقلاش (ماي بېزى)، ئوزۇقلىنىش (سۈت بېزى) ۋە قوغداش (شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بېزى، زەھەر بېزى) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدۇ.