Uyghur←Chinese主要词典
ترېبىزوند ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
特拉比松德帝国
tè lā bǐ sōng dé dì guó
ئەھلىسەلىپنىڭ 4-قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشى مەزگىلىدە (1204-يىلى كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قارا دېڭىز رايونىنى بويلاپ قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ھازىرقى ترابزوننى پايتەخت قىلغان. فېئوداللىق تەپرىقچىلىق دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاجىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكتىن، 1214-يىلى رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرمىدا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1461-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.