Uyghur主要词典
تېرائۇچى ماساتاكې
دۇنيا تارىخى
(1852 - 1919) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1916 - 1918). قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىن كېلىپ چىققان. 1869 - يىلى خاكوداتې ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن ئوساكا ھەربىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1882-يىلى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. 1886-يىلى ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1898-يىلى مائارىپ باش تەپتىشى بولغان. 1900 - 1902 - يىللىرى مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولۇپ، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتنىشىشقا باشچىلىق قىلغان. 1902 - 1911 - يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق كابىنېتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. ياپونىيە چاۋشىيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، 1910-يىلى ماراشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا كابىنېت تەشكىللىگەن. 1917-يىلدىن باشلاپ سىردىشى سائىخارا كامېزو (1872 - 1954) نى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا ئەۋەتىپ، مىلتارىست دۇەن چىرۇي ھاكىمىيىتىگە پۇل قەرز بېرىپ، جۇڭگودىكى ھوقۇق مەنپەئىتىنى كېڭەيتمەكچى بولغان. 1918-يىلى سىبىرگە ئەسكەر چىقارغان. كېيىن گۈرۈچ توپىلىڭىى زەربىسى ئارقىسىدا ئىستېپا بەرگەن.