领域: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىمەيىن شامال چىقىپ ئېتىزلىقتىكى تېرىق باشاقلىرىنى دولقۇنلىتىشقا باشلىدى. بېشىنى كۆتۈرەلمەي تۇرغان بولۇق بىر باشاقتىن ساپسېرىق بىر دان چۈشۈپ كەتتى ۋە ئىڭرىغىنىچە ھارۋا يولىغا دومىلاپ كەتتى. ئۇ تۇپراققا:
- بىرەر يېرىڭنى ئاغرىتىۋەتتىممۇ؟ ئەپۇ قىلغىن! گۇناھ مەندە ئەمەس، شامالدا، ئۇ مېنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى، - دېدى.
- كېرەك يوق، - دېدى تۇپراق، - ئۇرۇشتا مېنىڭ ئۈستۈمگە بومبىمۇ چۈشىدۇ.
تېرىق بىردىنلا ئاھ ئۇرۇشقا باشلىدى. تۇپراق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭدىن:
- نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئاھ ئۇرىسەن؟ - دەپ سورىدى.
- قاناتلىرىم يوقلۇقىغا ئېچىنىپ ئاھ ئۇرىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى تېرىق.
- قاناتنى نېمە قىلاتتىڭ؟
- ساياھەت قىلىپ بۇ يەردىن كېتەتتىم، ساڭا ئېغىزىمنى سېلىشنى خالىمايمەن.
تۇپراق قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- نېمىشقا كۈلىسەن؟ - دەپ سورىدى تېرىق.
- سېنىڭ ئەقلىڭگە كۈلۈۋاتىمەن. سۇ بويىدىن كېلىۋاتقان ئاۋۇ كالىنى كۆرۈۋاتامسەن؟ ماڭا ئۇ ئېغىرلىق قىلمايۋاتقاندا، سەن نېمە ئىدىڭ. ۋاي، ھاماقەت دانچاق! قېرىغىنىمدا مېنى ئەجەبمۇ كۈلدۈردۈڭ - ھە!
تېرىق دانىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ يوغان مۈڭگۈزلۈك چوڭ بىر كالىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. تېرىق ماختانچاقلىق بىلەن تۇپراققا پىچىرلىدى:
- بۇ كالا مەندىنمۇ ئېغىر ئەمەسقۇ!
تۇپراق قايتىدىن قاقاقلاپ:
- سەندىن ئېغىر ئەمەسمىكەن؟ ۋاي، نادانەي، ۋاي ھاماقەت، - دەپ يەنىمۇ قاتتىق كۈلۈشكە باشلىدى.
يەر قاتتىق كۈلكىدىن تەۋرىنىپ كەتتى.
- نېمىشقا كۈلۈۋاتىسەن؟ مېنى يىقىتىۋېتىدىغان بولدۇڭغۇ! - دەپ كالا تۇپراققا ۋارقىرىدى.
- بىر تال تېرىققا كۈلۈۋاتىمەن. ئۇ سېنىڭ بىلەن بوي تالاشماقچىمىش.
- قېنى، قەيەردە ئۇ تېرىقجان؟ ئۇنى كۆرۈپ باقاي، - دەپ كالا ھۆركىرەپ كەتتى.
- ئەنە، ھارۋا يولىدا.
كالا يوغان بوينىنى سوزۇپ تېرىقنى ئىزدەشكە باشلىدى ھەمدە بۇرنىنى يەرگە يېقىنلاشتۇردى:
- قەيەردىسەن دانچاق؟
- مەن ماۋۇ يەردە، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىۋاتىسەن. تاغدەك يوغان بىر تېرىقمەن، - دېدى تېرىق. ئۇنىڭ ئاۋازى پاشىنىڭ ئاۋازىدىنمۇ زەئىپ ئىدى. كالا ئاۋاز چىققان تەرەپكە نەزەر سالدى - دە، كۆزلىرى پارقىراپ ئالىيىپ كەتتى. ئاندىن كېيىن بىر پۇشقۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ تىنىقىدىن ئۇچۇپ كەتكەن تېرىق يەرنىڭ يېرىقىغا بېرىپ چۈشتى ۋە ئۇ يەردە ئۈنىنى چىقارماي، ئۆز - ئۆزىگە:
- بۇ شامال چىقىپ مېنى يىراقراق ئۇچۇرۇۋەتكىنى ياخشى بولدى. بولمىسا مۇشۇ غەزىپىمدە يۇمىلىغىمىنچە بېرىپ تەكەببۇر كالىنى يانجىۋەتكەن بولاتتىم، - دەپ سۆزلەشكە باشلىدى.