Uyghur←Chinese主要词典
تېرادايا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
寺田屋事件
sì tián wū shì jiàn
ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكىلىگۈچى زاتلارنى باستۇرۇش ۋەقەسى. 1862-يىلى ئەتىيازدا، ساتسۇما ۋاسساللىقىدىكى ئەمەلىي ھوقۇقدار شىمازۇ خىسامىتسۇ ۋاسساللىقىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق لەشكىرىنى كيوتوغا باشلاپ كېلىپ، شوگنات مەمۇرىيىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. شۇ چاغدا كيوتودا تۇرۇۋاتقان ماكى ياسۇئومى ۋە ئارىما شىنشىچى قاتارلىق ھەرقايسى ۋاسساللىقنىڭ زاتلىرى خىسامىتسۇنىڭ لەشكەر تارتىپ چىقىپ شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پادىشاھنىڭ ئوردىدىكى باش ياردەمچىسى - كۇجونائوتادا ۋە كيوتو مەھكىمىسى ۋەكالەتچىسى ساكاى تادايوشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوللاشنى مەسلىھەتلەشكەن. 1862-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ساناگى، ئارىما قاتارلىقلار كيوتونىڭ جەنۇبىي رايونى فۇشىمى دېگەن يەردىكى تېراتايا مېھمانخانىسىدا يىغىن ئېچىۋاتقاندا، خىسامىتسۇ بۇلارنى باستۇرۇش ياكى ئەل قىلىش ئۈچۈن ئائىلە خىزمەتچىسى نارا خاراشىگى، ئوياما تىسونا يوشى قاتارلىق توققۇز كىشىنى ئەۋەتكەن. ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشىپ، ئارىما قاتارلىقلار ئۆلتۈرۈلگەن، ساناگى قاتارلىقلار قايسى ۋاسساللىقتىن بولسا، شۇ ۋاسساللىقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ برىلگەن. تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.