Uyghur主要词典
توزغۇردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تويدۇردى ~ تويغۇزدى.
ئول مەنى توزغۇردى _ ئۇ مېنى تويدۇردى ( توزغۇرۇر _ توزغۇرماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەۋلىك توزغۇرسا كۆزى يولقا بولۇر _ ئۆي ئىگىسى (مېھماننى) تويدۇرسا، (مېھماننىڭ) كۆزى ھەمىشە يولدا بولىدۇ. بۇ ماقال زىياپەتتىن كېيىن كېتىش ئۈچۈن ساھىپخاندىن ئۆزۈر سورىغان كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
توزغۇرمادى ئىتىمنى
تۇرغۇرغالىر ئاتىمنى
سۈردى مەنىڭ قۇتۇمنى
قاز تاقى قوردايىمى
«ئىتىمنى تويدۇرمىدى،
ئېتىمنى ھاردۇرۇپ قويدى،
مېنىڭ بەختىمنى سۈردى،
غاز ۋە قودايلىرىمنى (سۈردى).»
ئوۋ قۇشى، ئىت ۋە ئېتىنى ئۆتنە ئالغان كىشى تەسۋىرلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: مېنىڭ ئىتىمنى تويغۇزغۇدەك ئوۋ تاپالمىدى، ئېتىمنى جىق چاپتۇرۇپ ھاردۇرۇپ قويدى، غاز ۋە قودايلىرىمنى ئۇچۇرۇۋەتتى، ئامىتىمنى كەتكۈزدى.
2 - 251
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تويدۇردى ~ تويغۇزدى، زېرىكتۈردى.
ئول مەنى بۇ ئىشتىن توزغۇردى _ ئۇ مېنى بۇ ئىشتىن تويدۇردى.
2 - 251