Uyghur主要词典
توخۇ يۈرەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر نەرسىدىن قورقىۋېرىدىغان.
قورققاقنى قوغلاۋەرسەڭ باتۇر بولار. قورققان بىلەن قورقۇنچاق تارتىنماي كۆرۈشەر. قورققان تىرىك بولسىمۇ ئۆلۈك، باتۇر ئۆلۈك بولسىمۇ تىرىك. قورقۇنچاقتا نومۇس يوق. قورقۇنچاقنىڭ ئايىغى تىتىرەيدۇ. يۈرەكسىزدىن يىراق قاچ. تۇرمۇش جېڭىدا توخۇ يۈرەكلەردىن بولما. توشقان يۈرەكلەر جەڭدە بالدۇر ئۆلىدۇ. جىگىرى يوق ئادەم جەڭگە يارىماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان.
باتۇر، قەھرىمان، ئەر، قورقماس
خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان.
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر. باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر. ئۆز بۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ھەقىقىي قەھرىمان. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر. قورقماستىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس. ئەندىشىنىڭ ئېتى قورققاق. قورقۇنچاقتا نومۇس يوق. كۆز قورققاق، قول باتۇر. توخۇ يۈرەك قورقۇپ ئۆلىدۇ. قورققاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، قورقماسنىڭ چومىقى بول. قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇنىڭ تۈكى