Uyghur主要词典
توختىماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قارار تاپماق، ئورۇنلىشىپ قالماق، قەدەمنى توختاتماق.
يۈرمەك، ماڭماق
قەدەم تاشلىماق، ئالغا باسماق، ئىلگىرىلىمەك.
ئىتتىك يۈرگەن قىر ئاشار، ئاستا يۈرگەن تاغ. ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ. تۇرغانلارغا تۈۋرۈك بول، ماڭغانلارغا كۆۋرۈك (بول). تۇرغانلار تۇرۇپ تۇرسۇن، ماڭغانلارنى يەيلى. ئىت كاللىسى تەخسىدە تۇرماس. قاتناش توختىدى. بال مېڭىشنى يىقىلىشتىن ئۆگىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم ئىش، ھەرىكەت، پائالىيەت ۋە باشقىلار داۋاملاشماي قويماق.
ئات غالىبتىن ئون قەدەمچە ئۆتۈپ بېرىپ توختىدى.
بىر يەرگە بېرىپ قالماق (ياش ھەققىدە).
ئۇ سالاپەتلىك، يېشى توختىغان ئادەم ئىدى.
قارار تاپماق، ئورۇنلاشماق.
سۇ قاتتىق يەردە توختايدۇ (ماقال).
بېكىتمەك، بىر قارارغا كەلمەك.
تالاش - تارتىش تۈگىمەي، گەپ بىر يەرگە توختىمىدى.
كۈتمەك، ساقلىماق.
شۇ چاغدا ناسىر ئاكا تولىمۇ خىجىللىق ئىچىدە: - خاپا بولماي چىلگە پىشقىچە توختاپ بېرىشسىلە، - دېدى.
ئۈزۈلۈپ قالماق.
قاتناش توختىدى.
ئېقىۋاتقان سۇ بىردەمدىلا چىپپىدە توختىدى.
كۆچمە. بىرەر ئىشنى ئورۇنداش ياكى بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش مەلۇم قىممەتكە ۋە ئەجىرگە توغرا كەلمەك.
ئۇ ياققا تارتىشىپ بۇ ياققا تارتىشىپ، ئاخىر ئۈجمە سايىسىنىڭ باھاسى 400 تەڭگە ئاق كۈمۈشكە توختاپتۇ.
كۆچمە. ئاغزىغا، تىلغا ئېلىپ ئۆتمەك، توختالماق.
ئەمدى مەن يېزا ئىگىلىك مەسىلىسىدە توختاپ ئۆتىمەن.