Uyghur主要词典
توسكانا
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايون. ئەسلىدە ئېترۇلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي گوتلارغا بويسۇنغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لومباردلار ئىشغال قىلغان.Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅸ ئەسىردە توسكانا بەگلىكىگە ئۆزگەرگەن. Ⅺ - ⅩⅡ ئەسىرلەردە توسكانادا بىر مۇنچە شەھەر دۆلەتلىرى، ئايللۇق، فلورېنسىيە، لۇكا، سىنا، پىسا، ئارېززو، پىستويە قاتارلىقلار شەكىللەنگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىدا فلورېنسىيە مېدىچ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. 1569-يىلى بۇ جەمەت كىنەزلىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، توسكانا كىنەزلىكىنى قۇرغان. 1737-يىلى ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا تەۋە بولغان. 1860-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن، ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنڭ بىر قوشۇۋېتىلگەن، ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.