Uyghur主要词典
توشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بوشلۇققا لىق كەلمەك.
ئەتىگەن قوپقاننىڭ ئېتىكى ئالتۇنغا تولىدۇ. سۇ توشقان چېلەك جاراڭلىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
لىق قىلىپ قاچىلانماق، تولماق.
ئۇنىڭ پۇلى يېتەرلىك ئىدى، شۇڭا بىر پەستىلا ئىككى سومكا لىققىدە توشتى.
بوش ئورۇن قالماي ئىگىلەنمەك، ھەممە يېرى قاپلانماق، بىر كەلمەك.
ئۆي تۈتۈنگە توشۇپ كېتىپتۇ.
ئۆسۈپ، چوڭىيىپ مەلۇم ياشقا يەتمەك.
بۇلتۇر 1 - ئايدا 17 گە توشتۇم.
بەلگىلەنگەن ياكى مۆلچەرلەنگەن چەككە يەتمەك.
پەرھاتنىڭ ئارا تاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا بىر يىل توشتى.