Uyghur←Chinese主要词典
تورېز
دۇنيا تارىخى
多列士
duō liè shì
(1900 - 1964) فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى (0193 - 1964). كان ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1919 - يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1920 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بۆلۈنگەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. 1924 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كوممۇتىتنىڭ ئەزاسى بولغان، 1925 - يىلدىن باشلاپ مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى، 1930 - يىلدىن باشلاپ باش سېكرىتار بولغان. 1928 - 1935 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1932 - 1939 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. مەملىكەت ئىچىدىكى فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلق سېپىنى تەشكىل قىلىش جەھەتتە مەلۇم رول ئوينىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئارمىيىگە قاتناشقان، كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1940 - يىلى موسكۋاغا بارغان.1944 - يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كەلگەن. كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى پارتىزانلار ئەترىتىنىىڭ قورال تاشلاپ، دې گولل بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىىلى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1945 - 1946 - يىللىرى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1946 - يىلى مىللىي پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1945 - 1946) ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى (1946 - 1947) بولغان. <خەلق ئوغلى>، <فرانسىيىگە سەۋەب بولغان ئۇلۇغ سىياسەت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
多列土
duō liè tǔ