Uyghur←Chinese主要词典
تورمۇزلىغۇچ سىناپسې
پسىخولوگىيە
抑制性突触
yì zhì xìng tū chù
ئالدىدىكى قوزغىلىشنى كەينىدىكى نېۋرونغا ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدا تورمۇزلىنىش پەيدا قىلىدىغان سىناپسې تورمۇزلىغۇچ سىناپسې دەپ ئاتىلىدۇ. قوزغىلىش تورمۇزلىغۇچ سىناپسې ئالدىدىكى نېرۋا تالاسىنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە، قوزغىلىش خىمىيىۋى يول ياكى ئېلېكتر ئارقىلىق سىناپسې كەينىدىكى نېۋرونغا ئۆتۈپ، تورمۇزلىغۇچ سىناپسې كەينىدە پوتېنسئال پەيدا قىلىدۇ. تورمۇزلىغۇچ سىناپسې كەينىدىكى پوتېنسئالنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇتۇپلىنىشى ۋە ئىئونلارنىڭ سىڭىپ ئۆتۈشىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن قىسقا ئۇلىنىش ئۈنۈمى ھاسىل بولۇپ، قوزغىلىشچان سىناپسې كەينىدىكى پوتېنسئالنىڭ قۇتۇپسىزلىنىشى ئاجىزلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرىكەتلىك پوتېنسئال تورمۇزلىنىدۇ.