ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يىپنى تور شەكلىدە كېسىشتۈرۈپ تىكمەك.
ھاشىخان ئاچا غەلۋىرنىڭ يىرتىلغان يېرىنى چىگە يىپ بىلەن تورلاپ ئولتۇراتتى.
سىرتىنى تور بىلەن قاپلىماق.
ھېلىقى ئاتقۇچى ئۇستا پاختىنى ئېتىپ راسلىۋالغاندىن كېيىن، ئېگىرىلگەن يىپ بىلەن تورلىغىلى تۇردى.
پىچىلغان رەختنىڭ كېسىلگەن قىرىنى يۆمەپ تىكمەك.
مەن شىمنى كەستۈرۈپ، تورلاش ماشىنىسىدا تورلاۋاتاتتىم.