Uyghur主要词典
تورىجوس
دۇنيا تارىخى
(1929 - 1981) پاناما ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىق (1972 - 1978)، مىللىي مۇھاپىزەتچلەر قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى. يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدا تۇغۇلغان. سالۋادور مىللىي ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. پەن ۋە ئەدەبىيات ماگىستېرى ئۇنۋانىغا ئىگەبولغان. 1952 - يىلى پاناما مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قۇشۇنىغا كىرگەن. ۋېراگۇئاس ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1968 - يىلى 10 - ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن، برىگادىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەزىپىگە تەيىبنلەنگەندىن كېيىن، سابىق ھۆكۈمەت بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان قانال شەرتنامىسى توغرىسىدىكى ئۈچ لايىھىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1969 - يىلى 3 - ئايدا گېنېرال مايورلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1972 - يىلى 9 - ئايدا ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ئەڭ ئالىي رەھبەرلىككە سايلانغان. 1977 - يىلى 9 - ئايدائامېرىكا زۇڭتۇڭى كات بىلەن پاناما قانىلى يېڭى شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، 1903 - يىلدىكى شەرتنامىنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قانال رايونىنى مەڭگۈ ئىگىلىۋېلىشتەك ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يېڭى شەرتنامىنىڭ مۇددىتى 1999 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى توشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، پاناما قانال ۋە قانال رايونىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۋالىدۇ. 1981 - يىلى 7 - ئايدا ئايروپىلان ھادىسىدە قازا تاپقان.