Uyghur主要词典
تور
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئۆمۈچۈكنىڭ، ئوزۇق قىلىشقا ھاشاراتلارنى ئوۋلاش ئۈچۈن تارتىلغان يىپلىرى.
تورۇسقا ئۆمۈچۈك تور باغلاپتۇ.* لەمپىدىكى تورلارنى تازىلىۋەت.
2. بېلىق تۇتۇش، قۇش ئوۋلاش ئۈچۈن كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان سايمان. ( « تور Ⅰ _1 » ). تور توقۇماق.* تور سالماق.* ئەر يېڭىلىپ قولغا چۈشەر، قۇش يېڭىلىپ تورغا ( ماقال ).* گال بولمىسا، قۇش تورغا چۈشمەس ئىدى، گال بولمىسا، ئادەم تور سالماس ئىدى.* كۆلمۇ بېلىق تورى.
3. سۈپەت. تانا، يىپ ياكى سۈنئىي تالالاردىن كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان توقۇلما. تور خالتا.* تور پەردە.* تور ياغلىق.* تور پاختا.* تور كۆڭلەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كۈچ، ۋەزىن، بېسىم.
ئۇنىڭ قولىنىڭ خېلى تورى بار ئىكەن.* ئۆرۈك ئۇتۇننىڭ تورى بار.* پالتىنىڭ تورى بولمىسا بىكار.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قۇش ۋە بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تور.
قۇش قونىدىغان ياغاچ، قونداق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تور، تور توقۇلما، تور ياغلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
شىۋىلەر
كۈچ، بېسىم، تەسىر. مەسىلەن: تورى بار پالتا؛ ئۇنىڭ قولىنىڭ تورى بار. چاپىنى بارغا مۇش ئاتاي، جۇۋىسى بارغا تور كەتسۇن (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تور، تۇزاق.
(تولدۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ). بۇنىڭ بىلەن بېلىق ۋە قۇشلار تۇتۇلىدۇ.
3 - 168
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بېلىق تۇتىدىغان تور
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئورۇقلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يىپ ياكى سۈنئىي تالالاردىن كاتەك - كاتەك كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان توقۇلما.
باغنىڭ ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇپ تارتىلغان نازۇك ئىنچىكە ئالتۇن تور ئۇلارنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىگە يول قويمايدىكەن.
تور ياغلىق. تور سومكا.
شۇنداق شەكىلدە ئىشلەنگەن بۇيۇم.
سىم تور.
ئۆمۈچۈك، پىلە قۇرتى قاتارلىقلارنىڭ تارتقان يىپلىرى.
ئۆمۈچۈك تورى. پىلە تورغا كىردى.
بېلىق تۇتۇش، قۇش ئوۋلاش ئۈچۈن، كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان يىپ.
قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا چۈشمەس (ماقال).
بىر كۈنى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ، دەرياغا تور ساپتۇ.
كۆچمە. تۇزاق، قاپقان؛ قامال.
پەرىزات مانا ئەمدى بىر چوڭ جىنايى تور ئىچىگە كىرىپ قالدى.
قوغۇن پىشقاندا، شاپىقىدا ھاسىل بولىدىغان ئەگرى - بۈگرى كېسىشكەن سىزىقلار.
كۆچمە. بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ساھە، سىستېما.
ئىجتىمائىي سودا تورلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى ئارقىسىدا، بازارنى تەمىنلەش تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر جىسىم يەنە بىر جىسىمغا ئۇرۇلغاندا، ماسسىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۆز ھەرىكىتىگە قوشۇلىدىغان قوشۇمچە كۈچ، تەسىر.
پەخىردىن ئۆز كۈچىنىڭ تورى بىلەن كەتمەن ئۈستىگە يىقىلدى.
كۆچمە. سالماق، ۋەزىن، ئەھمىيەت.
ئۇنىڭ گېپىنىڭ خېلى تورى بار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۈركۈگەك، خىجىلچى، مەغرۇر، غۇرۇرلۇق.