Uyghur主要词典
توقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش - سوقۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سايمان.
تاياق ئېيىقنىمۇ موللا قىلار. تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ياماننىڭ توقىمىقى يېنىدا. كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. غولدا، سويۇل، باقان_ چارۋىچىنىڭ قورالى. ئۇمۇت، گۇرزى قەدىمكى زاماندا ئاساسىي قوراللاردىن ئىدى. تۇز يالغان ئىت قوپارغۇ ئاستىدا ئۆلەر.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوېت ئىتىپاقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىغا، چوڭ دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. غەربتە فرونزې بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتر كېلىدۇ، تۆمۈريول ئارقىلىق شەرقتە ئىسسىق كۆل بويىدىكى رېباچى، غەربتە فرونزى شەھىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. توقماق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەر، شەھەر يېنىدىكى شەھىرى سۇياب تاڭ دەۋرىدىكى شائىرلىرى لى بەينىڭ تۇغۇلغان يۇرتى. شەھەردە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، كونسېرۋا ئىشلەش، شېكەر، ئەينەك ھەم گۆش مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<توغماق> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. نەرسىلەرنى ئۇرۇپ پارچىلاش، قېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر ئۇچى تومپاي ياغاچ.
- ھۇررا! ھۇررا!... - مىلتىق، نەيزە، توقماق، گۈرجەك، جوتو كۆتۈرگەن كىشىلەر توۋلىغان پېتى تۈرمىگە باستۇرۇپ كىردى.
ئى. كۆچمە. زەربە، تاياق.
توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار (ماقال).
ئى. قاڭالتىرچىلار ۋە ھارۋا جابدۇقلىرىنى ياسىغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ياغاچ بازغان.
مىق. كۆچمە. باغلام، تىزىق.
بىر توقماق پۇل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
توقماق؛ توقماقتەك بەردەم، قوپال، باشقىلارنى سۈر باستۇرىدىغان كىشى.