Uyghur主要词典
توقىدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇردى، قاقتى، سوقتى؛ توقىدى؛ تەگدى.
ئول قاپۇغ توقىدى _ ئۇ ئىشىك قاقتى. ئول قۇلىن توقىدى _ ئۇ قولىنى ئۇردى. تۈركلەر بۇ سۆزنى جۈپ سۆز قىلىپ « ئۇردى توقىدى» شەكلىدە قوللىنىدۇ. تەمۈرچى قىلىچ توقىدى _ تۆمۈرچى قىلىچ سوقتى، يەنى تۆمۈرچى قىلىچ، پىچاق ۋە باشقا نەرسىلەرنى سوقتى. ئەر بۆز توقىدى _ ئادەم بوز توقىدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ئانى سۇۋ توقىدى _ ئۇنى سۇ ئۇرۇپ كەتتى، يەنى ئېقىن سۇ ئۇنى ئۇرۇپ ئېلىپ كەتتى. ئەرنى يېل توقىدى _ ئادەمگە شامال تەگدى، يەنى جىن دارىدى ( توقىر _ توقىماق).
ئوغۇزچە.
3 - 366