Uyghur←Chinese主要词典
توپېلىئۇس
دۇنيا تارىخى
托佩利
tuō pèi lì
(1818 - 1898) فىنلاندىيە يازغۇچىسى. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، سنېلىمان بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشكىلاتى - شەنبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1847-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانغائېرشكەن، 1842-6018-يىللىرى <خېلسىنكى بەخىت گېزىتى>نىڭ تەھرىرى بولغان. 1856-يىلىدىن باشلاپ فىلاندىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەشكە رىياسەتچىلىك قىلىغان.1863-1878-يىللىرى خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىلىمى پروفېسسورى بولغان. ئەسەرلىرىدە رومانتىزم ۋە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بولۇپ، بۇ، مىللىي ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن تارىخىي ھېكايەـ<بىر ھەربىي دوختۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى>، <قىش كېچىسىدىكى ھېكايە>ۋە دەرسلىك ـ<مەملىكىتىمىز>قاتارلىقلار بار.