Uyghur←Chinese主要词典
تومۇر سوقۇش
بىئولوگىيە
脉搏
màibó
ئارتېرىيىنىڭ سوقۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ <ئارتېرىيە سوقۇشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يۈرەكنىڭ سوقۇشى دەۋرى ھالدا قان چىقارغاندا ئاتېرىيە تومۇر دىۋارىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى بېسىم دولقۇنىدىن كېلىپ چىققان رېتىملىق سوقۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. تومۇر سوقۇشى ئائورتادىن باشلىنىپ دولقۇنسىمان شەكىلدە ئارتېرىيە تومۇر دىۋارىنى بويلاپ سىرتقى ئەتراپقا تارقىلىپ، كاپىلليار قان تومۇرلىرىدا يوقىلىدۇ. ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان تومۇر سوقۇش، بېغىشنىڭ يان بىلەك تەرىپىدىكى سىلاپ تېپىلغان يان بىلەك ئارتېرىيىسىنىڭ سوقۇشىدىن ئىبارەت. نورمال ئادەمنىڭ تومۇر سوقۇشى يۈرەك رىتىمى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن مىنۇتىغا تەخمىنەن 75 قېتىم سوقىدۇ. تومۇر سوقۇشى يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ تېبابەتچىلىك ساھەسىدە يان بىلەك ئارتېرىيىسىنى بارماق بىلەن بېسىپ تومۇر سوقۇش رىتىمىنىڭ قاتتىق - بوشلۇقى، كۈچلۈك - ئاجىزلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن كېسەلگە دىئاگنور قويۇشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. ئەسۋابنى يۈزە قەۋەت ئارتېرىيىسىنىڭ سىرتىدىكى تېرىگە قويۇپ تەسۋىرىي خاتىرىلەش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن خاتىرىلەش ئەگرى سىزىقى سىفىگموگرامما دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەگرى سىزىقنىڭ دولقۇن شەكلىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى نىسبەتەن توغرىراق ئىگىلەشكە بولىدۇ.