Uyghur主要词典
تومۇر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<ئانات> قان سۇيۇقلۇق ئادەم بەدىنىدە ئايلىنىش داۋامىدا ئۆتىدىغان نەيچىسىمان توقۇلما، ئورگان. ئۇ ئارتېرىيە، ۋېنا، قىل قان تومۇر قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئۆرلەپ چىققان چېكە قان تومۇرلىرى ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.
يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە قاننىڭ تېپىشى، تومۇرنىڭ سوقۇشى.
تومۇرى پەس.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى ۋە ھاشاراتلارنىڭ قانىتىدىكى شاخسىمان توقۇلمىلار.
يوپۇرماقنىڭ تومۇرى.
تاغ ۋە يەر ئاستى كانلىرىدىكى، يەر قاتلام يۆنىلىشلىرىنىڭ گىرەلىشىپ تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان غول سىزىق.
لېكىن بىز تېخنىكىنى ياخشى ئىگىلەپ ئالالمىدۇقمۇ ياكى كاننىڭ تومۇرىنى تاپالمىدۇقمۇ، ھېچكىمگە بىر نەرسە ئۇچرىمىدى.
ئەسلى، يىلتىز.
يىلتىزلىرى بىر، تومۇرلىرى بىر، تاغلاردا ئۆسكەن مىليون دەرەخنىڭ؛ تېپىشلىرى بىر، سوقۇشلىرى بىر قوياشقا باققان مىليون يۈرەكنىڭ.
ئاساس، غول.
سانسىز تاغ جىلغىلىرىدىكى سۇ دەريا، ئېرىق - ئۆستەڭ ئارقىلىق پايانسىز باغۇ بوستانلىق يېزىلارنىڭ تومۇرلىرىغا قۇيۇلىدۇ.
<تىل> سۆزنىڭ يىلتىز قىسمى، ئاساسىي قىسمى.
سۆز تومۇرى.